ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەشتە يېتەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پىيادە قىسىم قوماندانى گېنېرال روبېرت ب نېللېر ۋاشىنگىتوندا دائېشقا قارشى كۈرەش ئىستىراتېگىيەسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۆزى يالغۇز ئېلىپ بارالىغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

942146
ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەشتە يېتەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال روبېرت ب نېللېر ئاتلانتىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر كونفېرانستا سۆز قىلىپ، «دۇنيا ئىنتايىن چوڭ بىر يەر، شۇڭا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەمىزدە بىرلەشمىلەر ۋە ئورتاقلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. تېررورلۇققا قارشى يالغۇز كۈرەش قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقىدارغا ئىگە ئەمەسمىز ۋە بۇ ئىشنى يالغۇز قىلالمايمىز. بىراق باشقا دۆلەتلەرگە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىسىملىرىنى ۋە ئەترەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلالايمىز» دېدى. 

روبېرت ب نېللېر نېگىرىيە، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى قابىلىيەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نېللېر: «باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنىڭ ئاستىدا ئامرىكىنىڭ ئاخىرى رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغانلىقى بار. بۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك قىسىملار تېررورلۇققا قارشى ئۆز ئالدىغا يالغۇز كۈرەش قىلىشفا مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر