سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۇرىيەدىن چېكىنمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ئامېرىكا ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولمىسىمۇ، ئوتتۇرا مۇددەتلىك سۇرىيەدىن چىقماي تۇرۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

942054
سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۇرىيەدىن چېكىنمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ۋاقىت ژۇرنىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «سۈرىيەدىن پات يېقىندا چېكىنىپ چىقىمىز» دېگەن باياناتى ئۈستىدە توختالدى.

شاھزادە سەلمان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئىراننى توسۇپ قىلىش جەھەتتىن ئاخىرىقى بېكەت بولۇش رولىغا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەقەت مۇشۇ يول بىلەنلا ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ مىلىتانلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىق ئىتتىپاقداشلىرى ئارقىلىق بېيرۇتتىن تېھرانغا قەدەر، سۈرىيە ۋە ئىراق ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئىشلىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن سەلمان: «ئەگەر سۇرىيەدىن ئەسكەرلىرىڭلارنى چېكىندۈرسەڭلار، ئىرانغا قارشى بۇ كونتىروللۇق نۇقتىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىسىلەر. بۇ كارىدور رايوندا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئاچىدۇ» دېدى.

شاھزادە سەلمان سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، سۈرىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بەششار ئەسەدنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىڭ ئەمدىلىكىتە ئانچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: «ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەسەد تېھراننىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالمىغاي، بەششار ئەسەدنىڭ مەنپەئەتىنى ئىراننىڭ سۈرىيەدە خالىغىنىنى قىلىپ يۈرۈشىگە باغلىنىشلىق، دەپ قارىمايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر