ئامېرىكا سۈرىيەگە بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى توختىتىۋەتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –ي پ گ نىڭ تىزگىنى ئاسىتىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 200 مىليون دوللارلىق ياردەم پۇلىنى توختىتىۋەتتى.

941449
ئامېرىكا سۈرىيەگە بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى توختىتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –ي پ گ نىڭ تىزگىنى ئاسىتىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 200 مىليون دوللارلىق ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويۇشقا يوليۇرۇق بەردى.

ۋول سترېت گېزىتىنىڭ ئاقساراي مەسئۇللىرىنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە سۈرىيەدە قانداق روللارنى ئۆتەيدىغانلىقى ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

گېزىت ئاقساراينىڭ مەزكۇر يوليۇرۇقنى «ترامپنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدا بايانات بېرىشىگە ماس ھالدا»چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بۇ يىل فېۋرالدا كۇۋەيتتە چاقىرىلغان دائېشقا مۇناسىۋەتلىك يىغىندا سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –ي پ گ نىڭ تىزگىنى ئاسىتىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن 200 مىليون دوللار ياردەم قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدە ۋەدە بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر