ئامېرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش شەرىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

941592
ئامېرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش شەرىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادرېسلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ۋىزىغا ۋە كۆچمەن بولۇشقا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادرېسلىرىنىڭ 5 يىللىق ئۆتمۈشىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەۋەتىلگەن تەكلىپ لايىھەدە كۆرسىتىلىشىچە، بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن چەت ئەلدىن كېلىدىغانلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادرېسلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە ھەر يىلى 15 مىليون كىشىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادرېسلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئىدارە ئىشلىرى ۋە راسخوت ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تەكلىپ لايىھەسى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادرېسلاردىن سىرت ئۇلارنىڭ يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ئىشلەتكەن تېلېفون نومۇرلىرى، ئىلخەت ئادرېسلىرى ۋە  چەت ئەل ساياھەتلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنىمۇ ئىلتىماس جەدىۋىلى بىلەن بىرلىكتە تاپشۇرۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ.  

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھەسى دىپلوماتىك ۋە رەسمىي ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىتلىماس قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان بۇ يېڭى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسى مۇشۇ جۈمەدىن باشلاپ 60 كۈندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە ئامېرىكا ۋىزىسىغا ۋە كۆچمەن بولۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قوشۇمچە شەرتلەرنى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر