فىرانسىيە سۈرىيەدە يېڭى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلمىدى

فىرانسىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەدە خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم پائالىيەتلىرىدىن باشقا يېڭى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

941299
فىرانسىيە سۈرىيەدە يېڭى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيىدىن ئېلىنغان بىر مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەدە خەلقئارالىق دائېشقا قارشى كۈرەش بىرلەشمە قىسىم پائالىيەتلىرىدىن باشقا يېڭى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتى يوق ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، فىرانسىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش خەتىرىنى كۆرگەن بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:

«فىرانسىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتتىن باشقا يېڭى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمايدۇ.»

خەۋەردە يەنە، فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇنبىچتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئامېرىكا بىلەن پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ تۈنۈگۈن (29-مارت) كى باياناتىدا، «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈرت (كورد) مەسئۇللار بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردۇق. دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرى ۋە تۈركىيە ئارىسىدا ۋاستىچى (مۇرەسسەچى) بولالايمىز. فىرانسىيە ئامېرىكا بىلەن كېلىشتى، مۇنبىچقا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر