مالالا ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۆلىتىگە باردى

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مالالا يۈسۈفزاي ئاخىرى ۋەتىنىگە قايتتى.

940278
مالالا ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۆلىتىگە باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مالالا يۈسۈفزاي قىزلارنىڭ مائارىپ ھوقوقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 2012يىلى تالىباننىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنى پاكىستاندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولدى.

مالالا پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىد ھاقان ئابباسى ۋە باشقا مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشتى.

20 ياشلىق مالالا يۈسۈفزاينىڭ زىيارىتى دەسلەپتە خەلق ئاممىسىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلدى.

مالالا ئاتا ئانىسى بىلەن بىرلىكتە كېلىدىغان ئىسلامئابادتىكى بىنەزىر بۇتتۇ خەلقئارا ئايرودورۇمىدا ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

پاكىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى «مۇسۇلمانلار بىرلىكى پارتىيەسى/ ناۋاز»نىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مالالانىڭ ئىسلامئابادتىكى ئۆيىدە باش مىنىستىر شاھىن ھاقان ئابباسىدىن باشقا يەنە، بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك پاكىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچسى مۇھەممەد فايسال، «مالالا بىر تۈركۈم مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشىدۇ. بىراق پىروگراممىلارنىڭ تەپسىلاتى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئېلان قىلىنمىدى. مالالا يۇسۇفزاي ياش ۋە ئىستىقبالى پارلاق قىزلىرىمىزدىن بىرسى» دېدى.

مۇھەممەد فايسال: «بىز مالالاغا خۇش كەپسىز دەيمىز. چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. بۇ ئىنتايىن ئىجابىي ئىلگىرىلەش» دېدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر