دائېش ئىراقتا 5 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇزاق تۈپەيلى 5 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

940357
دائېش ئىراقتا 5 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتى خادىمى يۈز بېشى سەيفۇددىن ئەش شەمرى ھەربىي فورما كىيىۋالغان دائېش تېررورچىلىرىنىڭ مۇسۇل بىلەن تەلافەرگە قاراشلىق رابىئا ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى يولغا ساختا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇۋېلىپ، تۇزاققا چۈشۈرگەن 5 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

شەمرى دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ قورال ياراغلىرىنى تالان- تاراج قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نىنوۋا ھەرىكىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پولكوۋنىك ئەھمەد ئەل جۇبۇرىمۇ دائېشنىڭ يېقىندىن بۇيان قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا مۇشۇنداق تاكتىكا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەھمەد ئەل جۇبۇرى يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان بۇ خىل تۇزاقلار سەۋەبىدىن خېلى نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، مەزكۇر ھىيلەنەيرەڭلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر