ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى تىنا كايدانوۋ تۈركىيە ۋە ئىراقتا زىيارەتتە بولىدۇ.

939421
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كايدونوۋ 28 – مارتتىن 3 – ئاپرېلغىچە تۈركىيە ۋە ئىراقتا زىيارەتتە بولىدىكەن. كايدونوۋنىڭ ئەنقەرەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى مەھسۇلاتلىرى سودىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. كايدونوۋ ئىراقتا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىمۇ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر