سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىرانغا تەھدىت

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىرانغا ئۇيغۇن زاماندا مۇناسىپ شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.

939485
سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىرانغا تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا شاھزادىگە ھەمراھ بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سەلمان بىلەن گۇتېررېسنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ھەم ئىنتايىن سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن يەمەنگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى قوللاش مەقسىتىدە ب د ت گە 930 مىليون دوللار ئىئانە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پورتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يەمەنگە يەنە 70 مىليون دوللار ياردەم قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان جۇبەير، ئۇچرىشىشتا، يەمەنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىراننىڭ بۇ دۆلەتكە مۇداخىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

گۇتېررېسنىڭ ھۇسىيلار تەرىپىدىن يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئالدىنقى كۈنى قىلىنغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇبەير، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئىراندا ياسالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يەمەنگە قورال - ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش قارارىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇ قورال – ياراغلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى ئىشلىتىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان جۇبەير، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىرانغا ئۇيغۇن زاماندا مۇناسىپ شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر