مېكسىكىدا ئەسكەرلەر بىلەن زوراۋانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

مېكسىكىنىڭ تامالىپاس ئۆلكىسىگە قاراشلىق نىئۇۋو لارېدو رايونىدا چارىلاشقا چىققان ئەسكەرلەر بىلەن قوراللىق زوراۋانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

937535
مېكسىكىدا ئەسكەرلەر بىلەن زوراۋانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا چارىلاشقا چىققان ئەسكەرلەر بىلەن قوراللىق زوراۋانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 ئادەم ئۆلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار قوراللىق زوراۋانلارنىڭ تامالىپاس ئۆلكىسىگە قاراشلىق نىئۇۋو لارېدو رايونىدا چارىلاشقا چىققان ئەسكەرلەرگە ئوق چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلەر بىلەن زوراۋانلار ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا 1 ئەسكەر ۋە 4 زوراۋان بولۇپ جەمئىي 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەسئۇللار، 12 ئەسكەرنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.

مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ ھەپتە ئاخىرى مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردا زوراۋانلارنىڭ ئەسكەرچە كىيىنىپ ئاپتوموبىللىرىغا مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە بەلگىلەرنى ئېسىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر