مىسىردا ئۆكتىچىلەرسىز سايلام ئۆتكۈزۈلدى

مىسىردا ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنڭ قارشىلىقىغا قارىماي پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

937571
مىسىردا ئۆكتىچىلەرسىز سايلام ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بايقۇت قىلىشىغا قارىماي پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى بۈگۈن مىسىر ۋاقتى سائەت 09:00 دا باشلىدى.

سايلامدا پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسى بىلەن ئەتە پارتىيەسى باشلىقى مۇسا مۇستاپا مۇسا رىقابەتلىشىدۇ.

مەملىكەتلىك سايلام كومىتېتىنىڭ سانلىق-مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا جەمئىي 59 مىليون 78 مىڭ 138 رويخەتكە ئېلىنغان سايلىغۇچى بار بولۇپ، سايلىغۇچىلار 13مىڭ 687 ساندۇقتا بېلەت تاشلايدىكەن. شۇنداقلا 18 مىڭ 678 قانۇن خادىمى نازارەت قىلىدىغان سايلامدا 103 مىڭ دۆلەت كادىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

سايلاملارنى 54 يەرلىك ۋە 9 چەت ئەل ئورگىنىدىن سىرت 680 چەت ئەللىك مۇخبىر تەقىب قىلىدۇ.

سايلىغۇچىلار 27 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىدە بېلەت تاشلىيالايدۇ.

مىسىرلىق سايلىغۇچىلار 26-، 27 - ۋە 28-مارت كۈنلىرىدە ئۈچ كۈن بېلەت تاشلايدۇ. ھۆكۈمەت سايلىغۇچىلارنى سايلامدا بېلەت تاشلاشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.

بىراق مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بولۇپ مىسىردىكى ئوخشىمىغان پارتىيە ۋە گۇرۇھلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ قېتىمقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى بايقۇت قىلدى.

ئۆكتىچىلەر ئەتە پارتىيەسى باشلىقى مۇساغا «ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قونچاق نامزات»دەپ قارىماقتا.

سايلامدا نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت سىسىنىڭ سايلامنىڭ تۇنجى باسقۇچىدىلا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۇتۇپ چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

چەت ئەلدە ياشاۋاتقان سايلىغۇچىلار 16-، 17- ۋە 18-مارت كۈنلىرىدە بېلەت تاشلىغانىدى.

سايلام نەتىجىلىرىنىڭ 2-ئاپرېلدا ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر