ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە نۇرغۇن پەلەسىتنلىك يارىلاندى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي قۇددۇستا نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەسىتنلىكلەرگە مۇداخىلە قىلىشى جەريانىدا 21 كىشى يارىلاندى.

936535
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە نۇرغۇن پەلەسىتنلىك يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان ئەبۇ دىس رايونىدا 6 كىشى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پىلاستىك ئوقىدا يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ھەر ھەپتە جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئايرىمچىلىق تېمى ۋە يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 2017 – يىلى دېكابىردا قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىىشىدىن كېيىن، رايوننىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر