ئىراقتا دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ھىندىستانلىق ئىشچىلار ئۆلتۈرۈلدى
ئىراقتا 2014 – يىلى دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ھىندىستانلىق 39 ئىشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇشما سىۋاراج پارلامېنتتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2014 – يىلى ئىراقتا دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 39 نەپەر ھىدىنستانلىق ئىشچىنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سۇشما سىۋاراج ئىشچىلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ سۇنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بايقالغان بىر كوللىكتىپ مازارلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «DNA» تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە 38 جەسەتنىڭ 2014 – يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن ھىندىستانلىق ئىشچىلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى ئېيتتى.
سۇشما سىۋاراج بۇ جەسەتلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈلەردە، ئۆخشىش دەرىجىسىنىڭ %70 بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇشما سىۋاراج جەسەتلەرنىڭ يۇرتلىرىغا يەتكۈزلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاساسلىق كۆپىنچى پەنجاپ، بىھار، ھىماچەل پاردېش ۋە بەنگال ئۆلكىلىرىدىن ئىراققا كەتكەن ئىشچىلاربولۇپ، 2014 – يىلى مۇسۇلدىن قايتىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.