ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
932020
![ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5ea8/fe94/b6d4/5aae043798dee.jpg?time=1719238214)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ شەرقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.
ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار غەززەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەز-زەيتۇن مەھەللىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بومباردىمان قىلغان.
سەھىيە ئورۇنلىرى بومباردىماندا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن كەچتە غەززەدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بومبىنىڭ پارتىلىشىغا قارىتا، ئىسرائىلىيە تانكىلىرىنىڭ غەززەنىڭ شەرقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا بومبا تاشلاپ بىر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.