تۈركىيە 39 شىمالىي كورېيەلىكنىڭ مال – مۈلكى توڭلاتتى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرى دائىرىسىدە، بەزى شىمالىي كورېيەلىكلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويدى.

931537
تۈركىيە 39 شىمالىي كورېيەلىكنىڭ مال – مۈلكى توڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەلىك 39 كىشىنىڭ تۈركىيەدىكى مال مۈلكى توڭلىتىلدى.

بۈگۈن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارار ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ھەمدە شىمالىي كورېيەدىن سېتىۋېلىشىنى مەنئىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، شىمالىي كورېيەلىك 39 كىشىنىڭ مال مۈلكىنىڭ توڭلىتىلىشى ۋە ئۇلارغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلىشى رەسمىي قارار قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا ئالاقىدار تۈركىيە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مەزكۇر قارارى رەسمىي گېزىتتا ئېلان قىلىندى.

مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارىغا بىنائەن شىمالىي كورېيەلىك 39 كىشىنىڭ مال مۈلكى توڭلىتىلىدىغان ۋە بۇ كىشىلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلىدىغان بولدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرىغا ھەسسە قوشۇش ئېھتىمالى بولغان ئالتۇن تىجارىتى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە، تەبىئىي گاز، ھام نېفىت، توقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كونا پاراخوت، زاۋۇت ماشىنا زاپچاسلىرى، قاتناش ۋاستىلىرى، تۆمۈر پولات ۋە باشقا ماتېرياللارنى سېتىشمۇ مەنئىي قىلىندى.  

شىمالىي كورېيەدىنمۇ قوغۇشۇن ۋە قوغۇشۇن رودىسى، يېمەك ۋە يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، زاۋۇت، ماگنېزىت، ياغاچ، كېمە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى، رەخت ۋە تەييار كېيىم قاتارلىقلارنىڭ ئېمپورت قىلىنىشى چەكلەندى.

ئەگەر شىمالىي كورېيەدىن بەزى ماددىلارنىڭ سېتىۋېلىنغانلىقى ياكى شىمالىي كورېيەگە سېتىلغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمان شەكىللەنگەن ئەھۋالدا، ھەر قايسى پورت ۋە ئايرودورملاردا ھەمدە باشقا ترانسپۇروت ئىسكىلاتلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىلىك كېڭىشىنىڭ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كېمە، پاراخوتلار، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا تۈركىيە پورتلىرىغا كىرەلمەيدۇ. بۇ كېمە، پاراخوتلار يەنە، پاراخوتتىن پارخوتقا مال يۆتكەش بىلەنمۇ شۇغۇللىنالمايدۇ. ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر