سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ھاممۇرىييەنى ئەسەد كۈچلىرىدىن قايتۇرۇۋالدى

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر، تۈنۈگۈن كەچتە شەرقىي غۇتەنىڭ ھاممۇرىييە بازىرىغا كىرگەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ، شەھەر مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولىغا ئالدى.

931263
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ھاممۇرىييەنى ئەسەد كۈچلىرىدىن قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا بويسۇنمىغان ھاكىمىيەت كۈچلىرى، 3 – مارتتا شەرقىي غۇتەنى قولغا كىرگۈزۈشكە تۇتۇش قىلىپ، رايونغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تۈنۈگۈن كەچتە بازار مەركىزىگە كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغانىدى. بىراق، ئۆكتىچىلەر ھاممۇرىييە بازار مەركىزىگە كىرگەن ئەسەد كۈچلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ، مەركەزنىڭ كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولىغا ئالدى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ 12 – مارتتا شەرقىي غۇتەنى 3 بۆلەككە ئايرىپ، جەنۇب تەرەپكە جايلاشقان ھاممۇرىييە بازىرى ۋە بازار ئەتراپىدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلارغا بارىدىغان يوللارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىشى بىلەن، شۇ كۈنى بازاردىن 3 مىڭدەك پۇقرا ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى كۈندىكى بومباردىمانىدا شەرقىي غۇتەدە 51 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 24-فېۋرالدىكى قارارىدا، شەرقىي غۇتەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە مىقياسىدا پۇقرالارنى نەزەردە تۇتۇپ ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، «كېچىكمەستىن» دەرھال ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى ئېنىقسىز ھالەتتە قالغان ئىدى.

رۇسىيە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىدىن كېيىن، 27-فېۋرال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھەر كۈنى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 كېچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 13:00 تىن 18:00 گىچە ) كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر