مېي پىرېزىدېنت ترامپ ۋە مېركېل بىلەن كۆرۈشۈپ رۇسىيە مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

929280
مېي پىرېزىدېنت ترامپ ۋە مېركېل بىلەن كۆرۈشۈپ رۇسىيە مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ 10-نومۇرلۇق باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى تىرېسا مېينىڭ دونالد ترامپ ۋە ئانگېلا مېركېل بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تېلېفون سۆھبەتلىرىدە ئەنگلىيەدە زەھەرلەنگەن رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى توغرىسىدىكى يېڭى مەلۇماتلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تىرېسا مېي پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ سېرگېي ۋە يۇلىيا سكرىپالغا قىلىنغان ھۇجۇمغا جاۋابكار دەپ قارىشىنىڭ كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا خۇلاسە چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ مەزكۇر خىمىيەلىك ماددىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تىرىېسا مېي گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانەېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىمۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى تىلغا ئالدى.

ئىككى رەھبەر رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىق شەكىللىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل سابىق جاسۇسلارغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە گېرمانىيەنىڭ ئەنگلىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، سكىرىپالنىڭ زەھەرلىنىشىدە رۇسىيەگە خاس ھەربىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە نېرۋا سىستېمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان نامەلۇم خىمىيەلىك ماددىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ۋەقەدە رۇسىيەنىڭ قولى بارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تىرېسا مېي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەگە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك قايىل بايانات ئېلان قىلىشى ئۈچۈن 13-مارت يېرىم كېچىگىچە مۆھلەت بەرگەنلىكلىرىنى؛ ئەگەر قايىل قىلارلىق جاۋاب ئالالمىغان تەقدىردە بىر قاتار ئېمبارگولارنى ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينىڭ باياناتلىرىغا قارىتا «بىمەنىلىك» دەپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر