قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كېلىشتى

قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىت مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

928693
قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىت مەسىلىسى ئۈستىدە كېلىشتى.

قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ياپونىيەگە تەۋە نېفىت شىركەتلىرى ئال-بۇندۇق نېفىت بازىسىدىن نېفىت چىقىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

قاتار دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئەبۇ دابى نېفىت كېڭىشى، ئەبۇ دەبى دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ياپونىيە بىرلەشمە نېفىت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە ئال-بۇندۇق چەكلىك شىركىتى نېفىت بازىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزدى.

مەزكۇر كېلىشىم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ قاتارغا ئېمبارگو قويۇشقا باشلىغان 2017-يىلى ئىيۇندىن بۇيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ھاسىل قىلىنغان تۇنجى كېلىشىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئال-بۇندۇق نېفىت بازىسى ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ 1953-يىلى مارتتا ئەبۇ دابى ھاكىمىيىتى بىلەن د ئاركى قېدىرىپ تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

1969-يىلى قاتار بىلەن ئەبۇ دابى ئارىسىدا ئال-بۇندۇق نېفىت بازىسىنى باراۋەر باشقۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر ھاكىمىيەتلىرىنىڭ بۇلتۇر 5-ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئىقتىسادىي مۇھاسىر سىياسىتى يولغا قويۇشى سەۋەبىدىن پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس يۈز بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر