ئامېرىكا تېررورچى كاتتىبېشىنى «گېنېرال»دەپ ئاتىدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون تېررورچى كاتتىباشلىرىدىن مەزلۇم كوبانى لەقەملىك فەرھاد ئابدى شاھىننى «گېنېرال مەزلۇم»دەپ ئاتىدى.

923434
ئامېرىكا تېررورچى كاتتىبېشىنى «گېنېرال»دەپ ئاتىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)باياناتچىسى روب مەننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ غوللۇق كاتتىباشلىرىدىن «مەزلۇم» كوبانى لەقەملىك فەرھاد ئابدى شاھىننى «مەزلۇم گېنېرال» دەپ ئاتىدى.

مەننىڭ «مەزلۇم گېنېرال ۋە سۈرىيەدە دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان يەرلەردىكى قوراللىق قىسىملار دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا ئۇلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز»دېگەن سۆزلىرى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

پېنتاگونغا قاراشلىق ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى ئىشخانىسى خادىملىرىدىن  مايور ئادرىيان رانكىن-گاللوۋاي تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ دىن ئەندىشە قىلىشىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىراق «مەزلۇم گېنېرال» فەرھاد ئابدى شاھىننىڭ ئامېرىكا قوللاپ كېلىۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى- س د گ نىڭ قوماندانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –ي پ ج-پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قىلمىشلىرى  ئىراق-ئىران چېگراسىدىكى قەندىل تېغىدا پاناھلىنىۋاتقان ئاتالمىش «تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشى»تەرىپىدىن تەشكىللىنىدۇ. سۈرىيە دېموكرتىك كۈچلىرى – س د گ بولسا ئاتالمىش تەشكلىي ھەيئەت كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ۋەكىلى سالاھىيىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق س د گ نىڭ ئۆزىگە تەۋە مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئاپپاراتى يوق.

تەخمىنەن 50مىڭ «ئەسكەر»دىن تەشكىل تاپقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن س د گ نىڭ ئادەملىرىنىڭ %79تىن كۆپرەكى ي پ گ ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان ي پ ج دىن تەشكىل تاپىدۇ.

تۈركىيە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان تېررورچىلاردىن ئاتالمىش س د گ نىڭ «قوماندانى» «مەزلۇم» كوبانى لەقەملىك فەرھاد ئابدى شاھىن قەندىل تېغىدىكى تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن يوليۇرۇق ئالىدۇ.

قەندىل تېغىدىكى تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن جىلو  تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د – پ ك ك غا ۋاكالىتەن ئۇزۇندىن بۇيان قوراللىق ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىلىق مەسئۇللار بولسا قۇرۇقلۇقتىكى ئاتالمىش «ھەربىي ھەرىكەتلىرى»نى ئاساسەن جىلو ئارقىلىق ئېلىپ بارماقتا.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 2017-يىلى 25-ئاپرېلدا سىنجار ۋە كاراچوك رايونلىرىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئامېرىكىلىق قوماندانلارنىڭ شاھىن جىلو بىلەن بىرلىكتە تېلېۋىزورلارغا چىقىشى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى.

شاھىن جىلو تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ «قىزىل سەۋىيەلىك»كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر