ترامپ: قۇددۇسقا كۆچۈرۈلىدىغان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتىمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، قۇددۇسقا كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىسرائىلىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

923803
ترامپ: قۇددۇسقا كۆچۈرۈلىدىغان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار قارارى توغرىسىدا توختىلىپ، «ھازىرغىچە كەلگەن پىرېزىدېنتلار بۇ ھەقتە پەقەت سۆزلا قىلاتتى، سايلام ۋەدىسى بېرەتتى. بىز بولساق، بۇ قەدەمنى تاشلىدۇق» دېدى.

ترامپ، قۇددۇسقا كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى توغرىسىدا بولسا، «ئەگەر پۇرسەت چىقىرالىسام مۇراسىمغا قاتنىشىمەن، قاتنىشىشىم مۇمكىن» دېدى.

«ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى» توغرىسىدا بولسا، «قۇددۇس مەسىلىسىنى مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقلىرى» نى ۋە بۇ ئارقىلىق تىنچلىق ئورنىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنى ئازايتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، تىنچلىق مۇساپىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن يېقىن ھالەتتە خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سۆز قىلغان بۇنيامىن نېتانياھۇ بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارارى ئۈچۈن ترامپقا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ بۇنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، باشقا ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى ۋەدە قىلغان ئىشنى ترامپنىڭ روياپقا چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قۇددۇس قارارى، تارىخىي بىر قارار ئىدى. بۇنى خەلقىمىز ئەسىرلەر بويىچە خاتىرىلەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2017 – يىلى 6 – دېكابىردا بايانات بېرىپ، «قۇددۇسنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ قوبۇل قىلغانلىقى» نى ئېلان قىلغان ۋە تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا يۆتكىلىشى توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارىلىقىنى قوزغىغان ترامپ ھۆكۈمىتى، رايوننىڭ پاجىئە پاتقىقىغا ئىتتىرىلىدىغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە – ئەرەب ئىختىلاپىنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇسنى 1967 – يىلى 5 – ئىيۇندا بېسىۋالغان بولۇپ، 1980 – يىلى بىر تەرەپلىمە ھالدا شەھەرنىڭ شەرقىي ۋە غەربىنى بىرلەشمە پايتەخت، دەپ ئېلان قىلغانىدى. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، 1980 – يىلى 478 – نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىناۋەتسىز، دەپ ھېسابلىغانىدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئامېرىكا قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي قۇددۇسنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىن ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى ئېتىراپ قىلغان پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى تېل ئاۋىۋدا بولۇپ، ھېچبىر دۆلەت قۇددۇس ياكى ئۇنىڭ شەرقىي ۋەياكى غەربىي قىسىملىرىنى پايتەخت، دەپ قوبۇل قىلمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر