بىرما ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋىزا بەرمىدى

بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا تەرەققىيات كومىېتتى ئەزالىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

919747
بىرما ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋىزا بەرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەرەققىيات كومىتېتى ئەزالىرىغا بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، بىرمانىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ، كومىتېتقا ئەزا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كومىتېت باشلىقى ستېفىن تۋىگ ئۆزلىرىگە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنىڭ، «كىشىنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنى كومىتېتنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، دەپ چۈشىنىش ناھايىتى تەس» دېدى.

تۋىگ بىرمادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق بەزى ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ۋىزا تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ پىلانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كومىتېت خەلقئارا تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ بىرما بىلەن باڭلادىشتىكى خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى دائىرەسىدە، بۇ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى پىلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان «باڭلادىش ۋە بىرما: ئاراكان كىرىزىسى» ناملىق دوكلاتىدا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا «ئىنتايىن ئېغىر ئىنسانىي تىراگېدىيە» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى.

دوكلاتتا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنى قورال قىلىپ پايدىلانغانلىقى ئورۇن ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر