ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىدى

سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا پىسەنت قىلماستىن، ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

918972
ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېدېر نۇرت سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا پىسەنت قىلماستىن، شەرقىي غۇتەدە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ھېدېر نۇرت رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدىن ھەمبەھىرلەشكەن باياناتىدا، باششار ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختالدى.

ھېدېر نۇرت: «ئەسەد قىسىملىرى، رۇسىيە ۋە ئىرانلىق قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي غۇتەدىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى ۋە شەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللانغان قارارغا پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى ھېدېر نۇرت تىۋىتتتېر ھېسابىدا ئورتاقلاشقان باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرىشىدۇ. بىراق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش، توپقا تۇتۇش، فۇرغۇلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق يۈز مىڭلىغان ئىنسانلارنى تېررورىزمغا قىستىماقتا. ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خلور گازى ئىشلىتىشى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. رۇسىيە ئەگەر خالىسا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھۇجۇملارنى توختىتالايدىغان تەسىرى كۈچكە ئىگە. ئامېرىكا بۇ ھۇجۇملارغا بالدۇرراق خاتىمە بېرىلىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ دەرھال ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىشى ھەققىدە جىددىي چاقىرىقتا بولىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر