ئەنگلىيەدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

ئەنگلىيەنىڭ لېستېر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن چوڭ پارتلاشتا 4 كىشى، ئۆلدى، 4 كىشى يارىلاندى.

918088
ئەنگلىيەدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 19 ئەتراپىدا لېستېر شەھەر مەركىزىدىكى ھىڭكلى يولى بويىدىكى بىر بىنادا مەيدانغا كەلگەن چوڭ پارتلاشتا 4 كىشى ئۆلگەن، 4 كىشى يارىلانغان.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق تولۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىدا، مۇنداق دېيىلگەن: «ھازىرقى باسقۇچتا ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىغا توغرۇلۇق دەلىل - ئىسپات يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر