تېررورلۇق تەشكىلاتى گۆرۈگە ئېلىۋالغان 111 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى يوق
نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 111 قىز ئوقۇغۇچىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق.
918545
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يوبې رايونىغا جايلاشقان داپچى شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام تەرىپىدىن بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن 111 قىز ئوقۇغۇچى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن 926 ئوقۇغۇچىدىن پەقەت 815 ىلا مەكتەپكە قايتقان بولۇپ، قالغان 111 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىغان.
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 2014 – يىلىمۇ چىبوك شەھىرىدە 276 قىز ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىدى.
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بوكو ھارام غەربنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە ھەمدە داۋاملىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلغاندىن تاشقىرى يەنە، قىز ئوقۇغۇچىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ قاچۇرماقتا.