ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىقرارى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدە ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 841 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

916813
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىقرارى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  دائېشقا قارشى كۈرەش باشلانغان 2014 – يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 841 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 485 پۇقرا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.»

ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئالدىنقى ئايدا ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلانغاندىن بۇيان 830 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر