ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن ساقچىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى
ئافغانىستاندا تالىبان مەنسۇپلىرىنىڭ بىر ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 8 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
916817
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئارىف نۇرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان مەنسۇپلىرىنىڭ غەزنە ۋىلايىتىنىڭ دېھ ياق ناھىيەسىددىكى بىر ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 8 ساقچى ئۆلگەن. ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا كۆپلىگەن تالىبان مەنسۇپلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن.
تالىباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 9 ساقچى ئۆلگەن، بىرى ئەسىرگە چۈشكەن.