شىمالىي كورېيە ھەيئىتى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىۋەتتى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ پىيوڭچاڭ شەھىرىدە شىمالىي كورېيە ھەيئىتى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنى رەت قىلىۋەتتى.

914981
شىمالىي كورېيە ھەيئىتى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن شىمالىي كورېيە ھەيئىتىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى پىياڭيوڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلدى.

پېنسنىڭ باياناتچىسى نايك ئايرېس مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ شىمالىي كورېيەدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى بىلەن باشقا ناچار ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇچرىشىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئايرېس شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى توغرۇلۇق نىسبەتەن يۇمشاق باياناتلارنى بەرگەنلىكىنى، شۇڭا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنسنىڭ  بۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئويلاپ شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ  پىيوڭچاڭ زىيارىتى ئەسناسىدا شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ كۆرۈشۈش پۇرسىتى تۇغۇلغانلىقىنى، بىراق شىمالىي كورېيە ھەيئىتىنىڭ كۆرۈشمەسلىكىنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ناۋۇرت بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتىپ: «مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىمىز پىيوڭياڭ ھەيئىتىگە كۆرۈشكەندە  شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز يادرو پىروگراممىسىدىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى دېمەكچى بولدى، بىراق ئۇنىڭ بۇرۇن شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلەپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن كۆرۈشۈش بىكار قىلىندى»دېدى.

مايك پېنسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇن سىڭلىسىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانىدى.  

بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مايك پېنس يېنىدا ئولتۇرغان شىمالىي كورېيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمىگەن.

مايك پېنس  بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىمالىي كورېيەدە سادىر بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن ئوتتونىڭ دادىسى پىرېد ۋارمبىئىرنى يېنىغا ئېلىۋالدىم ۋە شىمالىي كوريېە ھەيئەت باشلىقىغا قول تەڭلىمىدىم.»

ئوتتو ۋارمبىئىر 2016-يىلى پىيوڭياڭدا لوزۇنكا ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، بىراق نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى سالامەتلىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى، ئارقىدىن ئامېرىكىغا ياندۇرۇپ كېلىنگەن بولسىمۇ قۇتقۇزۇش بەرمەي ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر