مالكولىم ئېكس ئۇنتۇلماي خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە

مالكولىم 1965 – يىلى 21 – شۇباتتا ئامېرىكىدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

914508
مالكولىم ئېكس ئۇنتۇلماي خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان قارا تەنلىك مۇسۇلمان رەھبەر مالكولىم ئېكس بۇنىڭدىن 53 يىل ئىلگىرى 1965يىلى 21شۇباتتا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

مالكولىم بۈگۈنكى كۈندىمۇ نىيۇ يوركنىڭ ئافرىقىلىقلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھارلەم دېگەن جايىدا، ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان چوڭ يول ۋە بازاردىن باشقا يەنە، ھەر قايسى كوچىلاردا خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

مالكولىم ئېكس ھايات چېغىدا ئامېرىكىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقانئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈچلۈك مۇجادىلە قىلىش ئارقىلىق دۇنيادا نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئافرىقىلىقلارغا نىسبەتەن ھازىرمۇ كاتتا ئىلھام مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇ 1925يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مالكولىم لىتىل ئىدى. دادىسى ئامېرىكىدىكى قارا  تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان ۋە ئافرىقىغا قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى تەلقىن قىلىدىغان خەتىب ئىدى.

مالكولىم ئېكس 5 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ دادىسى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ سۈيقەستىگە ئۇچرايدۇ. ئانىسى نىرۋا كېسەللىكلەر ساناتورىيەسىگە سولاپ قويۇلىدۇ. ئۇ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنى نامراتلىق ۋە قېيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، 1949يىلى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنىدۇ.

بۇ مەزگىلدە قارا تەنلىكلىكلەر مىللىيەتچىلىك ئېقىمىنى قوللايدىغان «Nation of Islam» «ئىسلام ھەرىكىتى»  رەھبىرى ئەلىجاھ مۇھەممەدنىڭ پىكىرلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن مالكولىم 1952تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئافرىقىلىق ئەجداتلىرىنىڭ فامىلىسىنى تاپالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىگە «X»  (ئېكس) دېگەن فامىلە ئىشلىتىشنى باشلايدۇ. ئۇ سۆز قىلغاندا ھېچكىشىدىن تارتىنىپ قالماسلىق ۋە ھېسسىياتلىق نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى بىلەن قىسغىنە ۋاقىتتا ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەخسلىرىدىن بىرسىگە ئايلىنىدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دىنىي مەسىلىللەردە ئەلىجاھ مۇھەممەد بىلەن ئىختىلاپلىق پىكىرلەرگە ئىگە بولغان مالكولىم ئېكىس 1964يىلى «ئىسلام ھەرىكىتى» دىن ئايرىلىپ چىقىدۇ.

ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىق مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى ياخشى چۈشۈنۈش كېرەكلىكىنى ۋە بارلىق مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئاساس قىلغان كىشىلىك ھوقۇق كۆرۈشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 

ماكولىم بۇ مەزگىلدە ئەلھاج مالىك ئەششاباز دېگەن ئىسىمىنىمۇ قوللىنىشقا باشلايدۇ.

مالكولىم ئېكس 1965يىلى ھارلەمدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتتە سۈيقەت بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر