ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىكى سايلاملارغا ھىيلە ئىشلەتتىمۇ؟

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى«CIA»نىڭ سابىق دىرېكتورى جامېس ۋولسېي ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

912683
ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىكى سايلاملارغا ھىيلە ئىشلەتتىمۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغانلىقى ھەققىدە تالاش – تارتىش داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA»نىڭ سابىق دىرېكتورى جامېس ۋولسېي ئامېرىكىنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەردىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

بىر تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىدا، ۋولسېيدىن ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورالدى.

ۋولسېي سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «شونداق ئېھتىماللىقى بار. بىراق كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ۋە شۇ دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئىدى. يەنى، دېموكراتىيەنىڭ مەنپەئەتى دېگەندەك مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىدى» دېدى.

ئامېرىكىدا بىل كلىنتوننىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە مەركىزىي  ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA»نىڭ دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن جامېس ۋولسېينىڭ سۆزلىرى، رۇسىيەنىڭ لوندون ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا، «ھەممە نەرسىنى ئاڭلىتىشقا باشلىدى» دېگەن ئېنىقلىما بىلەن ھەمبەھىرلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر