سۈرىيە ۋەزىيىتىدىن تۈركىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىران مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

2018-يىلى 20-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئافرىندا «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلىشى بىلەن، سۈرىيەدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قايتىدىن ئۆزگەردى.

909819
سۈرىيە ۋەزىيىتىدىن تۈركىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىران مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2018-يىلى 20-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئافرىندا «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلىشى بىلەن، سۈرىيەدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قايتىدىن ئۆزگەردى. تۈركىيە يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئافرىندا ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتاتتى. تۈركىيە ئارمىيەسى يۇقىرى ئىقتىدار ۋە ناھايىتى ياخشى ئىستراتېگىيە بىلەن ئافرىننى قورشىدى ۋە بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقەمۇ بولمىدى. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئافرىن ھەرىكىتىگە رۇسىيەنىڭ رۇخسەت قىلمىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىپ، ۋەزىيەتنى تۈركىيەنىڭ تەلىپى بويىچە بۇرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تۈركىيە-رۇسىيە ھەمكارلىقىغا، تارىخىي ۋە تۇيغۇ-ھېسسىيات قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گۇمان بىلەن قارىغان كىشىلەرنىڭ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت مەركىزىي قاتارلىق ئىستىخبارات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۆرۈشى، بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. بۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق داۋاملاشسا، ئافرىندىن كېيىن مۈنبىچ توغرىسىدىمۇ داۋام قىلىدۇ.

ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پ ك ك نىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان پ ي د نى «دېموكراتىك» دېگەن سۆزنى ئالدىغا قوشۇپ، «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» دېگەن نام ئاستىدا قانۇنلۇق بىر تەرەپتەك قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقلىرى مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشتى. پ ي د تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغاندەك، رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگىمۇ ۋە ئىراننىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت سالالىغىدەك ئورۇنغا ئىگە قىلىندى. ئامېرىكانىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى پ ي د ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان تېررورلۇق ئارمىيەسىدىن، كېلەچەكتە سۈرىيەدە رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىشى مۇمكىن.

&&&

مۈنبىچ ناتونى كىرىزىسقا سۆرەپ كىرەلىشى مۇمكىن، تۈركىيە-رۇسىيە ھەمكارلىقىنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە قىلىۋاتقىنىدەك، ئىراق، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ كۆپ خىل ئىستراتېگىيەلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىرىگە جاۋابەن سوچىدا «مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى» باشقا قوللىنىشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق، سوچى كونگرەسىدىن كېيىن، ئافرىندا «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» ۋە بۇ جەرياندا ئىدلىبتە رۇسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسى، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلدى. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، بۇ ھەرىكەت تاماملانغاندىن كېيىن، ھەرىكەتنىڭ مۈنبىچ ۋە رەسۇلاين-تەل-ئابياد لىنيەسىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكامۇ مۈنبىچ توغرىسىدا باياناتلارنى ئېلان قىلدى. ھەتتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون مەسىلە ھەققىدە كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە مۈنبىچ مەسىلىسىگە چارە ئىزدەيدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى مۈنبىچتە ئامېرىكا-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇش، ناتونىڭ كىرىزىسقا پېتىشىغا، ھەتتا تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئەسلەپ باقايلى، ئافرىندا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندا، ناتو تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنداق بولغاندا، ئافرىندىكى پ ي د نى تېررورىست دەپ قوبۇل قىلىپ، مۈنبىچ ۋە باشقا رايونلاردىكى پ ي د تېررورىست دەپ قوبۇل قىلىنماي، تۈركىيەنىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرى دىققەتكە ئېلىنمىسا، خەلقئارالىق ئورگانلاردا توقۇنۇش ۋە كىرىزىس يۈز بېرىش ئېھتىمالى ئاشىدۇ. رۇسىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاستانا ۋە سوچى يىغىنلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئالدى بىلەن، پ ي د نىڭ باشقا رايونلار ئارقىلىق ئافرىنغا توشۇلغان ئەسكەر ۋە قورال ياردەملىرىنىڭ رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى نۇقتىلاردىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىتىلىپ، تۈركىيە جامائەتچىلىكىدە رۇسىيەگە قارشى ئاتموسفېرا پەيدا قىلىنماقچى بولدى. ئارقىدىن ئىدلىبتە رۇسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئۆكتىچىلەرنى تۈركىيەنىڭ قوللايدىغانلىقى خەۋىرى تارقالدى ۋە رۇسىيە خەلقىگە تەسىر كۆرسىتىش مەقسەت قىلىندى. بىراق، ھەر ئىككى دۆلەت بۇ قارا چاپلاش ھەرىكىتىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رۇسىيە-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ھالدا تىك ئۇچار ياساش كېلىشىمىنىڭ بۇ خەۋەرلەردىن كېيىنلا تۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ خەۋەرلەرگە بېرىلگەن جاۋاب دېيىشكە بولىدۇ.

&&&

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە مەۋجۇدلۇقى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە پ ي د غا باغلىق

ئامېرىكانىڭ ئاستانا ۋە سوچى مۇساپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىتىش بەدىلىگە پ ي د نى قورال قىلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدىكى سۈرىيە مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ سوچى يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە بۇنىڭغا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ھەل قىلىش چارىسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشى، تەسادىپىيلىق ئەمەس.

ئامېرىكا بولۇپمۇ ئىراننىڭ بەششار ئەسەد بولمىغان ھەل قىلىش چارىسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم گۇرۇپپىلارنى بۇنىڭغا يۈزلەندۈرۈۋاتىدۇ. بەششار ئەسەدنىڭمۇ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بۇ مەقسىتىدىن قورال ئورنىدا پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مىھراچ ئۈرال (ئەلى كايالى) نىڭ ساختا كىملىك بىلەن سوچى كونگرەسىگە قاتناشماقچى بولغانلىقىنى ئەسلىسەك، بۇ ئەسلىدە بەششار ئەسەدنىڭ پىلانى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەم ئامېرىكا ھەمدە بەششار ئەسەد بىر-بىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنى ئۆزئارا كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بەششار ئەسەد بولمىغان سۈرىيەدە ئامېرىكانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇنازىرە قوزغايدۇ، ئامېرىكا بولمىغان سۈرىيەدىمۇ ئوخشاشلا بەششار ئەسەدكە ئېھتىياج تۇغۇلمايدۇ. ئامېرىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن يىراقلىشىشى بىرىنچى مۇھىم مەسىلە ئەمەس، ئەكسىچە بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ھەر ۋاقىت، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن، سوچىدا ئېچىلغان «سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى»، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە ئىشنىڭ ئۈستىنى يېپىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي، جەنۋە مۇساپىسىغا سىياسىي تىنچلىق ئىستراتېگىيەسى شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمما، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىغاندا-ئامېرىكانىڭ ۋەزىيەتكە قول تىقىشىغا قارىغاندا تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ جەنۋەدە ئاخىرلىشىشى ناھايىتى قىيىن كۆرۈلۈۋاتىدۇ-رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ۋە ئىران قوللىغان يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشىمىز مۇمكىن. ئۈچ رەھبەرنىڭ مارت ئېيىدا ئىستانبۇلدا ئاچىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى، سۈرىيەدە سىياسىي تىنچلىق بىلەن تۈركىيەنىڭ ئافرىندىن كېيىنكى پىلانى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. سوچىدىكى كونگرەدە كېلىشىم ئاساسى شەكىللەنمىگەن مەسىلىلەرنىڭ ئىستانبۇل يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، نەتىجىگە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

ئاپتور سالىھ يىلماز رۇسىيە تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرستېتى پىروفېسسورى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر