«ئامېرىكا خەلقى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ »

دوكتور قىلىچ بۇغرا قانات ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

908970
«ئامېرىكا خەلقى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ »

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەلقى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرى يوق.

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەقپىسى ۋاشىنگتىون تارمىقى مۇدىرى قىلىچ بۇغرا قانات، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ماركسىزم ۋە لېنىزىم ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىلىچ قانات، ئامېرىكا خەلقىنىڭ تاشقى سىياسەتكە تازا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ پ ك ك – پ ي د مەسىلىسىگە باشتىن-ئاخىرى ئوچۇق پوزىتسىيەسى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى قانات، تېررورچىلارغا قورال-ياراغ بولۇپ نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دائېشقا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ تېررورچىلار ماكانلىشىۋالغان سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قانات: نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچ ھەققىدە پىلانى يوق، سۈرىيە توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان ئىستىراتېگىيەدە پ ك ك –پ ي د توغرۇلۇق ماددا يوق، ئامېرىكا بۇ تېررورچىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ، دېدى.

مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت پەنلىرى پاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوسېنت دوكتور ئەمرە ئەرشەنمۇ ئامېرىكىنىڭ پ ك ك – پ ي د سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى جەڭ مەيدانغا ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن پ ك ك –پ ي د نى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«ئامېرىكا تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشىنىڭ پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ھامان بىر كۈنى ھېس قىلىدۇ، دەپ قارايمەن»دېگەن ئەرشەن، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر