ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت تاقالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئورگانلىرى يەنە بىر قېتىم تاقىلىپ قالدى.

907214
ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا بىرقانچە ئايدىن بۇيان خامچوت مەسىلىسىدە داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن، ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىرىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تاقىلىپ قالدى.

ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى بىر كۈن ئىلگىرى 182 كە قارشى 245 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلغان خامچوت مەسىلىسىدە پالاتا ئەزالىرى يەنە بىر قېتىم كېلىشەلمىدى.

بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلار ۋە ھەربىي چىقىملارنىڭ كۆپلۈكى پالاتادا خامچوتنىڭ تەستىقلانماسلىق خەۋپىنى تۇغدۇردى.

ئاق ساراي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، پىرېزىدېنت ترامپ كۆچمەنلەر تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن تەقدىردە، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر لايىھەنىڭ خامچوتتا 1 تىرىليون دوللارلىق قىزىل رەقەمگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ لايىھەگە قارشى چىقماقتا. دېموكراتلارمۇ ترامپنىڭ يېڭى كۈچ سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، خامچوتنى تەستىقلاشنى رەت قىلماقتا.

بىر ھەپتە داۋاملاشقان تەقدىردە، كېلىشمەسلىكنىڭ 6 مىليارد دوللارلىق زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇ، ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تاقىلىپ قېلىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تاقىلىپ قېلىش باسقۇچى، ترامپنىڭ ئاق سارايدىكى بىر يىللىقى بولغان 20 – يانۋاردا باشلانغان ۋە 23 – يانۋار كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر