رۇسىيە شىمالىي كورېيە ئىشچىلىرىنى قايتۇرۇشقا باشلىدى

رۇسىيە دائىرىلىرى رۇسىيەدە ئىشلەۋاتقان شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارنى مەملىكىتىگە قايتۇرۇشقا باشلىدى.

905505
رۇسىيە شىمالىي كورېيە ئىشچىلىرىنى قايتۇرۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پىيوڭياڭ ئەلچىسى ئالېكساندىر ماتسېگورا رۇسىيەدىكى بەزى رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ماتسېگورا مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارغا چەكلىمە قويۇلۇشى رۇسىيە ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، نۇرغۇن ۋالىي شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا باشلىدى.»

ماتسېگورا رۇسىيەنىڭ ھەر يىلى شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىغا 12مىڭدىن 15مىڭغىچە ۋىزا بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە %90نىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىشچى ۋىزىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەدىكى تەخمىنەن 35000 شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇلۇش، دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ساھەسىدە ئىشلەيدۇ، بۇ ئىشچىلار رۇس ئىشچىلىرى بىلەن ئوخشاش ئىش ھەققى ئالاتتى، ئىشچى ئائىلىسىدىكى 13 كىشىنى باقاتتى، ئىشچى ئالغان مائاشىنىڭ %50نى ئاران ئالالايتتى، قالغان قىسمىنى شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتەتتى. »

ماتسېگورا شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدە «قۇلدەك ئىشلەيدىغانلىقى» توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر