تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدا 19 دۆلەتنىڭ قورال – ياراغلىرى بار
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ نىڭ قولىدا 19 دۆلەتتىن ئالغان قورال – ياراغلار بار.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىدە تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر تانكىنىڭ پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى دىققەتلەرنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلگەن قورال – ياراغلارغا ئاغدۇردى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى نىشان قىلىۋاتقان قورال – ياراغلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە كۆپ دۆلەتلىك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئەزا 19 دۆلەتتىن قولغا كەلتۈرمەكتە.
بۇ قورال – ياراغلار «تاكتىكىلىق قورال – ياراغلار» ۋە «ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلار» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. «تاكتىكىلىق قورال – ياراغلار» دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلسە، «ئىستىراتېگىيەلىك قورال - ياراغلار» تۈركىيەگە قارشى ئىشلىتىلمەكتە.
قەتئىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا بولمايدىغان بۇ ئۆتكۈر تېخنىكىلىق قورال – ياراغ سىستېمىلىرىنىڭ قايسى دۆلەت ۋە قايسى شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا ئالاقىدار تەرتىپ نومۇرلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلانماقتا.
شۇڭا، بۇ قورال – ياراغلارنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرىنى تېپىش قىيىنغا توختىماقتا.
ئىلگىرى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بۇ قورال – ياراغلارغا زۋاللىققا يۈز تۇتقان مەركىزىي ھۆكۈمەتلەردىن قولغا كىرگۈزۈلگەن قورال - ياراغلار ئىلاۋە قىلىنىشىدىن كېيىن، تېررورىزمنىڭ خەۋپلىك تەرىپى ھەممە ئۈچۈن بارغانسېرى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمەكتە.
تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىندىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تانكىسىغا ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلەتكەن باشقۇرۇلىدىغان «< ATGM> تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال – ياراغلىرىنىڭ قەيەردە ئىشلەنگەنلىكىدىنمۇ بەكرەك، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قورال – ياراغلارنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكى، بۇ قورال – ياراغلارنىڭ تېررورچىلارغا قايسى مەقسەتتە بېرىلگەنلىكى ۋە ئىشلىتىشىگە نېمىشقا يول قويۇلغانلىقى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىگىلىنىشىچە، ئوخشىمىغان زامان ۋە ماكانلاردا قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال - ياراغ سىستېمىلىرى ۋە ئوق – دورىلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، پ ك ك / ي پ گ نىڭ قولىدا 19 دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان قورال - ياراغلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ قورال – ياراغلارنىڭ بىر قىسمى مۇنداق ئىكەن:
رۇسىيەدە ئىشلەنگەن «9M133 Kornet » ناملىق قورال – ياراغلار.
فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە بىرلىكتە ئىشلەپچىقارغان «مىلان» ناملىق قورال – ياراغلار.
ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان « TOW» ناملىق قورال – ياراغلار.
شىۋېتسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان « AT4» ناملىق تانكىغا قارشى قورال – ياراغلار.