ئافغانىستاندا تالىباننىڭ 19 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فەرياب ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوجا سابىزپوش ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە  تالىباننىڭ 19 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

902500
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ 19 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

خوجا سابىزپوش ناھىيەسى ھاكىمى ئابدۇللاھ ماسۇمى ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ناھىيە مىقياسىدا ئېلىپ بارغان تالىبان ئەزالىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىدە، تالىبان ئەزاسى 19 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماسۇمى ھەربىي ھەرىكەتتە يەنە، تالباننىڭ 23 ئەزاسى ۋە 2 ئەسكەر يارىدار بولغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىباننىڭ جاڭگىلىدىكى شايخى رايونىنىڭ كونتىروللۇقىنىمۇ  ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ تارتىپ ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلار ئارىسىدا تالىباننىڭ رايونلۇق مەسئۇللىرىدىن مەۋلەۋى غىياسىددىن مۇسۇلۇميارنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەندى.

فەرياب ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيەلىرىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر