خىتايدا پوچتا پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى
خىتايدا بىر پوچتا پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ، 1 كىشى قازا قىلدى، 5 كىشى يوقاپ كەتتى.
902116
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر پوچتا پاراخوتى چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ شەھىرىدىكى چىچۇەن ناھىيەسىدە كاشىلا چىقىپ كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، 6 پاراخوت خادىمى سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، 1 كىشى قازا قىلغان، 5 كىشى يوقاپ كەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى جەريانىدا يارىلانغان بىر كىشى دەريادىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆلۈپ كەتكەن، قالغان 5 كىشى تېخىچە تېپىلمىغان.