ئامېرىكا پەلەستىنگە قىلىنىدىغان ياردەمنى توختاتتى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەلەستىنگە بېرىلىدىغان 125 مىليون دوللارلىق ياردەمنىڭ 65 مىليون دوللارلىق قىسمىنى «كۆزدىن كەچۈرۈش» ئۈچۈن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خېسىر نوۋرت كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پەلەستىنگە بېرىلىدىغان ياردەم توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ: «ئامېرىكا كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن پەلەستىنگە بېرىلىدىغان 65 مىليون دوللارلىق ياردەمنى توختاتتى» دېدى.
ئۇ بۇنىڭ «ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق» نى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:
«بۇنىڭغا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇ 65 مىليون دوللارلىق ياردەمنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، بىراق 60 مىليون دوللارلىق ياردەمنىڭ ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتىغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتچى نوۋرت پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى ئالغان مەزكۇر قارارنىڭ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى قۇددۇس قارارىغا مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پەلەستىن مىللىي سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇستافا ئەلبەرگۇسى ئامېرىكانىڭ ياردەمنى توختىتىش قارارىنى ئەيىبلىدى ۋە: «مەزكۇر قارارنىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ قايتىپ كېلىش ھوقۇقىنى يوق قىلىشنى نىشان قىلغان ئىسىرائىلىيەنىڭ بېسىمىغا ئوخشايدىغان خەتەرلىك سىياسىي باغلىنىشى بار» دېدى.
مۇستافا ئەلبەرگۇسى بۇ قارارنىڭ قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرىي ھالدا يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان مىليونلارچە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خەلقئارالىق جەمئىيەتنى ۋە ب د ت نى، ياردەملەر ئازايتىلغاندىن كېيىن، ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كەمچىللىكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى مېخانىزملارنى ئورنىتىشنى چاقىرىق قىلدى.