«پەلەستىنلىك جەسۇر قىز»نىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقىتى يەنە ئۇزارتىلدى

دادىسى باسىم تەمىمى سوتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ئادالەتنى ئۈمىد قىلمايمىز» دېدى.

889330
«پەلەستىنلىك جەسۇر قىز»نىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقىتى يەنە ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكمىسى «ھانزەلە جاسارەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن 16 ياشلىق «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز» ئەھەد تەمىمىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقىتىنى يەنە 48 سائەت ئۇزارتتى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوفېر ھەربىي سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈنكى سوتتا، سوئال سوراقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئەھەد تەمىمىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقىتىنى يەنە 48 سائەت ئۇزارتىشقا ھۆكۈم چىقارغان بولۇپ، ئوفېر سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتىنى مۇشۇنىڭ بىلەن 4 – قېتىم ئۇزارتقان  بولدى. 

ئەھەد تەمىمىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە قوللىرى ۋە ئاياقلىرى ئىشكەللەنگەن ھالدا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى كۆرۈلدى. سوتقا دېپلوماتىك خادىملار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى قاتناشقان ئىدى.

دادىسى باسىم تەمىمى سوتتا قىزى ئەھەد تەمىمىگە: «سەن ئىنتايىن كۈچلۈك قىزىم» دېدى. ئەھەد تەمىمىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن ياخشى دادا» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

دادىسى باسىم تەمىمى سوتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كېلەر قېتىمقى سوتتا قىزىم ئەھەد تەمىمىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتىنى 100 كۈن ئۇزارتىشىنى كۈتمەكتىمەن. ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ئادالەتنى ئۈمىد قىلمايمىز» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەھەد تەمىمىنى 19 – دېكابىردا راماللاھتىكى ئۆيىگە بېسىپ كېرىپ تۇتۇپ كەتكەن ئىدى. 

ئانىسى نەرىماننىڭمۇ قىزى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن راماللاھنىڭ شەرقىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە بارغىنىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

«پەلەستىنلىك جەسۇر قىز» دەپمۇ تونۇلغان ئەھەد تەمىمى 2012 – يىلىدا ئاكىسىنى تۇتۇپ كەتمەكچى بولغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە كۆرسەتكەن قارشىلىق پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ئىستانبۇلدا «ھانزەلە جاسارەت مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر