خىتايدا سوقۇشۇپ كەتكەن پاراخوتتىكى خادىملارنى قۇتقۇزۇشتا ئۈمىد يوق

خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىدا بىر نېفىت پاراخوتى بىلەن يۈك پاراخوتى سوقۇشۇپ كەتكەن ئىدى.

887906
خىتايدا سوقۇشۇپ كەتكەن پاراخوتتىكى خادىملارنى قۇتقۇزۇشتا ئۈمىد يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىدا بىر نېفىت پاراخوتى بىلەن يۈك پاراخوتى سوقۇشۇپ كېتىپ يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولمىدى. پاراخوتتا ھازىرمۇ ئوت ۋە پارتلاشلار داۋاملاشماقتا.

نېفىت پاراخوتىكى 30 نەپەرى ئىرانلىق ۋە 2 سى باڭلادېشلىق جەمئىي 32 خادىمنى قۇتقۇزۇشتىن ئۈمىد ئۈزۈلدى.

نېفىت پاراخوتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ سۇ ئاستىدا ئىكەنلىكى، خادىملاردىن ھېچبىرىنىڭ قۇتۇلۇپ چېقىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

ئوت ئۆچۇرۇشكە پۈتۈن تىرشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، پاراخوتتىكى پارتلاش ۋە گاز سىزىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر