كەشمىردىكى توقۇنۇشتا 1 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونى چېگراسىدا بىر ھىندىستان ئەسكىرى ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
887943
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ھىندىستان ئارمىيە باياناتچىسى پولكاۋنىك ن ن جۇشى جاممۇ كەشمىردە راجورىغا قاراشلىق سۇنداربانى رايونىدا پاكىستان تەرەپتىن كەلگەن ئوق تېگىپ، بىر ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاممۇ كەشمىدە مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا يۈزبەرگەن توقۇنۇشتىمۇ 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.