دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە مەسلىسىدە ئارقىغا داجىشقا باشلىدى

ئىلگىرى شىمالىي كورېيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش تەھدىتلىرىنى سېلىپ يۈرگەن دونالد ترامپ ئەمدىلىكتە مۇزاكىرىلىشىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

885828
دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە مەسلىسىدە ئارقىغا داجىشقا باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ۋە پارىژ مۇھىت ئاسراش كېلىشمى قاتارلىق مەسلىلەردە ئارقىغا ياندى. 

ئىلگىرى شىمالىي كورېيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش تەھدىتلىرىنى سېلىپ يۈرگەن دونالد ترامپ ئەمدىلىكتە مۇزاكىرىلىشىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

ئاق ساراينىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ توغرا جاي ۋە مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا شىمالىي كورېيە بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ترامپ يەنە، ئالدىنقى يىلى چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان پارىژ مۇھىت ئاسراش كېلىشمىدىمۇ قايتىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقى ھەققىدە سېگناللارنى بەردى. 

دونالد ترامپ: «كىلىشىمدە قايتىدىن ئورۇن ئېلىش ئېھتىمالىمىز بار. چۈنكى مۇھىت ئاسراشقا نىسبەتەن كۈچلۈك ھېس – تۇيغۇلىرىمز بار» دېدى.

دونالد ترامپ بۇ كېلىشىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنى مىسال كۆرسەتتى. ئەگەر بەزى بەلگىلىمىلەر قوشۇلغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ كېلىشىمدە قايتىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر