ئىبادى: تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايمىز

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تۈركىيە بىلەن بولغان سودا، چېگرا مۇداپىئەسى ۋە نېفىت يۆتكەش مەسىلىلىرىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان «ئادەتتىن تاشقىرى ھەمكارلىق» مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

884961
ئىبادى: تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبادى باغدادتا ئۆتكۈزگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان «ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى» نى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا سودا، چېگرا مۇداپىئەسى، بولۇپمۇ كەركۈك ۋە مۇسۇلدا نېفىت يۆتكەش ھەم باشقا بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جەيھان پورتىغا نېفىت يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىمۇ يېقىندا تاماملىنىدۇ.»

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرلارنىڭ مائاشلىرىنى ئۆزلىرى بېرىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان ئىبادى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مائاشلارنىڭ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئەمەس، پۇقرالارغا بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى 2017 – يىلى 7.5 مىليارد دوللارلىق نېفىت ئېكسپورت قىلدى. شىمالىي ئىراق نېفىت ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدىن قولغا كىرگۈزگەن كىرىملىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.»

ئىبادى ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا پات – پات ئەسكەرتكەن چىرىكلىك قىلمىشى سادىر قىلغان دائىرىلەرنىڭ جازالاندۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە داۋاملىق  كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بەزى مەسئۇللار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قولغا ئېلىندى. بۇ ھەقتە يېڭى تىزىملىكمۇ بار، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى يېقىندا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر