دائېش ئىراقتا 116 يېزىنى ۋەيران قىلدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا 2014 – يىلدىن بۇيان 116 يېزىنى ۋەيران قىلدى.
885431
![دائېش ئىراقتا 116 يېزىنى ۋەيران قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e437/fc9a/8bf0/5a55d21604308.jpg?time=1718584780)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ۋالىيسى راكان سەئىد بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دائېشنىڭ كەركۈكتە 2014 – يىلدىن 2017 – يىلغىچە 116 يېزىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مىڭلارچە يېزا ئاھالىسىنىڭ ھازىرمۇ كەركۈك شەھەر مەركىزى ئەتراپىدا بىنا قىلىنغان چېدىر شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن سەئىد، دائېشنىڭ بولۇپمۇ 3 يىلدىن بۇيان كونتروللۇقى ئاستىدىكى كەركۈكنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئونلارچە يېزىدا توك، سۇ، يەر ئاستى سۇ يولى، مائارىپ ۋە سەھىيە خىزمىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى قەيت قىلغان سەئىد: «يېزا ئاھالىسى ئۆيلىرىگە قايتالمايۋاتىدۇ. پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان يېزىلارنى قايتا رېمونت قىلماي تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قايتالىشى مۇمكىن ئەمەس. رېمونت خىزمىتىمۇ دۆلەتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج» دېدى.