«چەت كۈچلەرنىڭ ئويۇنىنى بىتچىت قىلدۇق»

ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئەلى ھامانېي چەت كۈچلەرنىڭ ئويۇنىنى بىتچىت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

885099
«چەت كۈچلەرنىڭ ئويۇنىنى بىتچىت قىلدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئەلى ھامانېي خەلقنىڭ تەلەپلىرى بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ھامانېي تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، دۆلەت مەسئۇللىرىنى خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ دەردىگە دەرمان بولۇشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «چەت كۈچلەرنىڭ خەلقىمىزنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى ئىسيانغا ئايلاندۇرۇش ئويۇنىنى بىتچىت قىلدۇق.»

ئىراندا بۇلتۇر 28-دېكابىردا باشلانغان نامايىشلار سەۋەبتىن تەخمىنەن 3700 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بىر پارلامېنت ئەزاسى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار ئىچىدە 70دەك ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئاراق ۋە تېھراندا نازارەت ئاستىدىكى 2 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر