تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەمدىلىكتە ھاماسقا قىلتاق قۇرماقتا

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ھاماستىن زادى نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟

884648
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەمدىلىكتە ھاماسقا قىلتاق قۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىك مۇتەخەسسىلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھاماسنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋىدېئوسىنىڭ ئەسلىدە، ھاماسنى مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدىكى توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ھاماسنىڭ غەززەدىكى مۇجادىلىسىنى ئېنېرگىيە ئىسراپىغا دۇچار قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىستخباراتى تەرىپىدىن تۈزۈپ بېرىلگەن ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دائېشنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ۋىدېئوسىدا سىناغا غەززەدىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر دائېش ئەزاسىنىڭ «ھاماس ئۈچۈن سىنادىن غەززەگە قورال ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان دېگەن» ئەيىبلەش بىلەن مۇسا ئەبۇ زەمات ئىسىملىق بىر ھاماس ئەزاسىنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پەلەستىنلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دائېش ھاماسنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئارقىلىق قورال ئۇچىنى ئىسرائىلىيەگە ئەمەس، ھاماسقا قاراتقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكچى ئىكەن.

غەززەدە ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى مۇجادىلىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دائېش يەنە، ھاماسنى سىناغا سۆرەپ كىرىش ۋە مىسىرنىڭ ئالدىدا يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قىلتاق قۇرماقتا ئىكەن.

پەلەستىنلىك سىياسىي ئانالىزچى مۇستافا ساۋاف، دائېشنىڭ تارقاتقان ۋىدېئوسىغا باھا بېرىپ،  «دائېش بۇ ئارقىلىق ھاماسنى ئۆلتۈرۈلگەن ئەزاسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا زورلاپ، سىناغا سۆرەپ كىرىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋىدېئو؛ سىيونىستلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھاماسنى سىناغا سۆرەپ كىرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان قىلتاقتۇر. ئۇلار مەزكۇر پىلان ئارقىلىق ھاماسنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلىتىشنى نىشان قىلماقتا. ھاماسنىڭ ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بۇ ساختا تەشكىلات بىلەن تۇقۇنۇش باشلاپ، كۈچىنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىشماقتا. مەزكۇر دۆلەتلەردە سىرتقى كۈچلەر تەرىپىدىن پىچكە ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ تەشكىلاتقا بىر رول تاپشۇرۇلدى. ئەمما دائىش رولىنى تاماملىيالماي، پارچىلاندى ۋە تارقىلىپ كەتتى» دېدى.

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق رابات فاكۇلتېتى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى باشلىقى ۋە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ئىبراھىم خەبىبمۇ دائېشنىڭ ئېلان قىلغان ۋىدېئوسىنىڭ تۇلۇقى بىلەن ئېيتقاندا، بىر ئىستىخبارات ئويۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم خەبىب دائېشنىڭ مەزكۇر ۋىدېئوسىنى تارتقاتقان ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى، «دائېش ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەززەلىك ۋە سىنادا پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى يارىتىش ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ ۋىدېئونىڭ پەردە ئارقىسىدا مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىملىق توسمىلارنىڭ قىسمەن ناماي قىلىپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەلەستىنلىك يازغۇچى ۋە سىياسىي ئانالىزچى مۇستافا ئىبراھىممۇ غەززە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىقىلغان ئوتتۇرا رايوندىن ھەمدە ھاماس بىلەن مىسىرنىڭ يىقىنلىشىشىدىن دائېشنىڭ قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «دائېش ئۆلتۈرۈگەن كىشىنىمۇ <ھاماس ئۈچۈن سىنادىن غەززەگە قورال ئېلىپ قاچماقچى بولغان> دېگەن ئەيىبلەش ئارقىلىق ھاماسنى مىسىرنىڭ ئالدىدا يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنىمۇ مەقسەت قىلماقتا» دېدى. 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر