ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتى ئۆزگەرمىدى

ئامېرىكانىڭ ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي دۆلىتىنىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

883926
ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتى ئۆزگەرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي «ABC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ «بۇ ھەپتە» ناملىق پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇڭا ۋاشىنگتوننىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئۆزگىرىش يوق، پىرېزىدېنت ترامپ شىمالىي كورېيە بىلەن كۆرۈشۈشكە بولىدىغانلىقىنى، بىراق نۇرغۇن ئىشلارنىڭ قىلنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شىمالىي كورېيە يادرو سىنىقىنى توختىتىشى ۋە يادرو قوراللىرىنى چەكلەش توغرىسىدا سۆزلىشىشنى خالىشى كېرەك.»

نىككى ھالېي يادرو سىناقلىرىنى توختىتىشنىڭ، شىمالىي كورېيە بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشنى باشلاشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئۇ شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى دائىرەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئىككى دۆلەت خالىسا كۆرۈشىدۇ، بىراق مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇلار پەقەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ياخشى ئۆتۈشى كېرەك. شۇنداق قىلسا ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ ياخشى بولىدۇ.»

ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قانچە قېتىم شىمالىي كورېيە بىلەن يادرو ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكلىرىنى، بىراق ئوتتۇرىدا خەتەرلىك ھەقىقەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يادرو قورال كونۇپكىسى توغرىسىدىكى باياناتلارنى مۇنداق دەپ ئاقلىدى:

«بىزنىڭمۇ شىمالىي كورېيەنى يوق قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى خالايمىز. بۇ سەۋەبتىن، قىلغان سۆزلىرىڭلارغا ۋە نېمە قىلغانلىقىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. بۇ سۆزلەرنىڭ كىشىلەرنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما مۇشۇنداق قىلمىساق تېخىمۇ خەتەر ئىچىدە قالىمىز.»

ئۇ ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان بىرىنچى يىلى بايان قىلىنغان «غەزەپ ۋە نەپرەت: ترامپ ئاقسارايدا» ناملىق كىتاب ھەققىدە توختالدى ۋە كىتابنى ئوقۇمىغانلىقىنى، ئەمما كېيىنچە ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىككى ھالېي ئاقساراي خىزمەتچىلىرىنىڭ «سادىق» ۋە «ۋەتەنپەرۋەر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئاقسارايدىكى كىشىلەرنى بىلىمەن، ئۇلار دۆلىتىنى سۆيىدۇ ۋە پىرېزىدېنتنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق زەھەرخەندىلەرچە گەپ قىلغانلىقنى ھېچقاچان كۆرمىدىم ياكى ئاڭلاپمۇ باقمىدىم.ھېچكىم پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئەقلىي ساغلاملىقىنى سۈرۈشتۈرەلمەيدۇ، ترامپ ئۆزىچىلا پىرېزىدېنت بولۇپ قالمىدى، ئۇ باج قانۇنىنى تەستىقلىغاندا، خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشكە قارشى چىقىپ، سۈرىيەنى بومباردىمان قىلىپ، سۈرىيەنى ئاگاھلاندۇرغاندا ئەقلىنى يۈتتۈرۈپ قويغانمىتى؟»    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر