ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتودوكس چېركاۋى مىسىردا ئېچىلدى
ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتودوكس چېركاۋى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىردە ئىبادەتكە ئېچىلدى.
883305
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مەسىھنىڭ توغۇلۇشى» دەپ نام بېرىلگەن چېركاۋنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن مىسىر قىبتىيلار چېركاۋىنىڭ باشلىقى پوپ ئىككىنچى تاۋادروس كەستى.
چېركاۋدا روژدېستۋو پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى؛ ئوتتۇرا شەرق چېركاۋى باياناتچىسى پاۋلوس ھالىم بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «مەسىھنىڭ توغۇلۇشى چېركاۋى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ چېركاۋى ھېسابلىنىدۇ. چېركاۋنىڭ ئىچىدىكى كىچىك چېركاۋغا 7500 ئادەم پاتىدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، روژدېستۋو پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن تۆۋەن قەۋەتتىكى چېركاۋنىڭ 2500 كىشىلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
قاھىرەنىڭ ئابباسىيە رايونىدىمۇ 4500 ئادەم پاتىدىغان ئەزىز مارك قىبتىي ئورتودوكس چوڭ چېركاۋى بار.