ئامېرىكا ساقچىلىرى 2017 – يىلىدا 987 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا مىچەل بىراۋن ناملىق 18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش ئامېرىكا ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا مىقياسىدا ساقچىلارنىڭ زورۋانلىقلىرى ھەققىدە ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلار توپلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

882820
ئامېرىكا ساقچىلىرى 2017 – يىلىدا 987 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ 2017 – يىلىدا 987 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى يەرلىك رەسمىي مەنبەلەردىن توپلىغان ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرىشچە، 2015 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا تەخمىنەن 3000 كىشى ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015 – يىلى 995 كىشى، 2016 – يىلى 963 كىشى ۋە 2017 – يىلىدا بولسا، 987 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ساقچىلىرى يەنە، 2015 – يىلىدا 36، 2016 – يىلىدا 17 ۋە 2017 – يىلىدا 19 قارا تەنلىك قورالسىز پۇقرانىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.

2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا مىچەل بىراۋن ناملىق 18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش ئامېرىكا ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا مىقياسىدا ساقچىلارنىڭ زورۋانلىقلىرى ھەققىدە ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلار توپلىنىشقا باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ بولۇپمۇ قارا تەنلىك قورالسىز پۇقرالارغا مۇداخىلە قىلغاندا، كېرەكلىك دەرىجىدە دىققەت قىلمايدىغانلىقى ۋە پەرۋازسىزچە ئىش تۇتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر