شى جىنپىڭ ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا ۋە ئۆلۈمگە تەييار بولۇشقا بۇيرىدى

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي كۆچ كۆرسىتىشى، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يادرو ئۇرۇش شاماللىرى چىقىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

881956
شى جىنپىڭ ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا ۋە ئۆلۈمگە تەييار بولۇشقا بۇيرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىڭلىغان ئەسكەرلەرگە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بارلىق ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا ۋە ئۆلۈشكە تەييارلىق قىلىشقا بۇيرىدى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زeدۇڭدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، شىمالدىكى خېبىي رايونىدا ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان 7 مىڭ ئەسكەرگە خىتاب قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىشتا نە قىيىنچىلىقىلاردىن، نە ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.

شى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر دائىم ئۇرۇشقا تەييار، ئۇرۇش ئىقتىدارى ئۈستۈن ۋە يېڭى دەۋردە پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۇتۇققا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، ھەم ئىلغار ھەم قۇدرەتلىك بىر كۈچ يارىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. 

شى جىنپىڭنىڭ ھەربىيلەرگە سۆز قىلغاندا، ھەربىي فورما كىيگەنلىكى ۋە قارا خۇرۇم پەلەي كىيىۋالغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتى ھېسابلىنىدىغان «خەلق گېزىتى»، «شى جىنپىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئېلان قىلىۋاتقان چاغدا، گۈلدۈرمامىدەك شىددەتلىك ۋە تۈگىمەس – پۇتمەس، ئالقىشلار ياڭرىدى» دەپ يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋەرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى باشقا 4 مىڭ ھەربىي بازىدىكى بارلىق ئەسكەرلەرمۇ باش قوماندان شىنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا يىغىلغان. ئەسكەرلەر خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بايرىقىغا بۇرۇلۇپ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقى باش قوماندان شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقلىرىغا دائىر قەسەم قىلىشقان.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بولسا، خىتايدا ۋە خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان يۇقىرىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئەسكەرلەرگە سۆزلىگەن نۇتۇقىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ياراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ پېنسىيونىر گېنېرالى شۇ گۇاڭيۇ بۇ ھەقتە گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا: «دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەربىيلەرنىڭ تەربىيەسى ھەققىدىكى بۇيرۇقلار مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقى تەرىپىدىن بىۋاستە ئېلان قىلىندى. بۇ خىل ئۇرۇشقا تەييارلىق سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى خىتاي ئارمىيەسىگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك بىر ۋەزىپە دەپ قارايمەن» دېدى. 

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي كۈچ كۆرسىتىشى، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يادرو ئۇرۇش شاماللىرى چىقىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر