ئىراندا بۇ قېتىم ھاكىمىيەت قوللىغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى نۇرغۇن شەھەردە ھاكىمىيەت قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

880738
ئىراندا بۇ قېتىم ھاكىمىيەت قوللىغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى بۈگۈن ئەتىگەندە نۇرغۇن شەھەردە ئون مىڭلارچە ئادەمنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي ئىراندىكى نامايىشلارنىڭ كەينىدە ئىران دۈشمەنلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بېرىشىدىن كېيىنلا ھاكىمىيەت قوللىغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىراندا يېقىنقى كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەن ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى قوللاشقا چاقىرىشىغا بىنائەن ھاكىمىيەت قوللىغۇچىلىرى ئەخۋاز، گورگان، ئىيلام، ئەراق، ھۇررەم ئاباد، بۇشەھر ۋە  قىرمانشاھ شەھەرلىرىدە ھاكىمىيەتنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار «رەھبىرىمىز بىز تەييارمىز، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پېتنە-پاساتچىلار ۋە مۇناپىقلارغا لەنەت بولسۇن »دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانېيغا قاراشلىق تەبلىغات ئىدارىسى تەرىپىدىن جۈمە كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان ھاكىمىيەتنى قوللاش يىغىلىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۆكتىچىلەرمۇ پايتەخت تېھران، ئىسفاھان، ھامەدەن، ھۇررەمئاباد، بۇشەھر، ئەخۋاز، ئابەدانغا ئوخشاش شەھەرلەردە تۈنۈگۈن كېچە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.  

مەشھەد شەھىرىدە ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، ۋەقەلەردە ئادەم ئۆلۈپ ياكى ئۆلمىگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە يۈزلەرچە ئادەم نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

ئىسفاھان ۋىلايىتىگە قاراشلىق قەھدەرىجاندىكى  ساقچى پونكىتىغا بېسىپ كىرمەكچى بولغان بەش ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۆكتىچىلەر ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلاردا ئىراننىڭ قايسى شەھەرلىرىدە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان خەرىتە ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر